karim23657's picture
Duplicate from Matthijs/mms-tts-demo
1c3a7ff
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولسا شىمالىي ئامېرىكاغا جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ۋاشىنگتون، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا نيۇيورك شەھىرى. دۆلەت تىلى بولسا ئېنگلىزتىلى. ھازىرقى زۇڭتۇڭ باراك ئوباما. بۇ دۆلەت ئەسلىدە ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ ۋاشىنگىتوننىڭ رەھپەرلىكىدە 1776 يىلى 7 ئاينىڭ 4 كۇنى مۇستەقىل بولغان، يەر مەيدانى 9 مىلىيون 826 مىڭ 630 كۋادىرات كلومېتىر، نوپۇسى 306 مىللىيون 142 مىڭ، بۇلارنىڭ ئاسساسلىق دىنى خرىستىئان دىنى.
2011-يىلدىكى ياپونىيە يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى
«خەلق گېزىتى»نىڭ 15-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ساقچى دائىرلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 20گىچە يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە 3373 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقۇلۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جاي مىياگى، ئىۋاتې ۋە فۇكۇشىما ناھىيەسى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدا تەخمىنەن 440 مىڭ ئامما پاناھلىنىۋېتىپتۇ، ھەرقايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك بولۇپ، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل ئىكەن.
ياپونىيە فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۆت گېنراتورلار گۇرۇپپىسى تۆت كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتىلىغان. پاپونىيە باش ۋەزىرى ناتو كەن 15-چېسلا رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ناتو كەن ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.